گېرمانىيە ئىشلىتىۋاتقان سىيرەك توپىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن

گېرمانىيە خىتاينىڭ سىيرەك توپا بىلەن تەمىنلىشىگە تايىنىدىغان بولۇپ، بىلدۈرۈلۈشىچە، سىيرەك توپىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى خىتايدىن كىرگۈزۈلىدىكەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى گېرمانىيە فېدېراتىپ ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ئىشلىتىۋاتقان سىيرەك توپىنىڭ تەخمىنەن 3/2 قىسمى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 2022-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە گېرمانىيە خىتايدىن تەخمىنەن 5300 توننا سىيرەك توپا ئىمپورت قىلغان. بۇنىڭ قىممىتى 49 مىليون 300 مىڭ ياۋرو ئىكەن. 5300 توننا ئىمپورت ئومۇمىي سانىنىڭ %66 ى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن. ئىككىنچى چوڭ تەمىنلىگۈچى دۆلەت ئاۋسترىيە بولۇپ، %21، ئېستونىيە %6 بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئىمپورت قىلىنغان سىيرەك توپا مىقدارى 2016-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا يېرىم ھەسسىگە يېقىن ئازلىغان، ئەمما قىممىتى ئاران %14 ئەتراپىدا كېلىدىكەن. 2016-يىلى گېرمانىيە 50 مىليون 100 مىڭ ياۋرو قىممىتىدىكى 9700 توننا سىيرەك توپا ئىمپورت قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، سىيرەك توپا جەمئىي 17 خىل مېتالنىڭ ئاساسى ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇلار تورتۋېتىت، ئىتترىي ۋە لانتانىت قاتارلىق قىممەتلىك ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئېلېمېنتلار پەۋقۇلئاددە ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، مېتال قېتىشمىسى ۋە ئالاھىدە كۆزئەينەك قاتارلىق كەم بولسا بولمايدىغان ماتېرىياللار ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلار نۇرغۇن ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىشى باتارىيەدىن تارتىپ يانفون، لازېر، تەكشى ئېكران ۋە ھاۋا ئارمىيەسى سىستېمىسىغىچە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلگەندىن باشقا، قوش يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلدىن باشلاپ، خىتاي گېرمانىيە بازىرى ئۈچۈن كەم ئۇچرايدىغان سىيرەك توپا مەنبەسى بولۇپ كەلگەن. بۇلتۇر ئىمپورت قىلىنغان 5300 توننا سىيرەك توپا ئىچىدە، 3800 توننىغا يېقىن سىيرەك توپا خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ،%66 نى ئىگىلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 537 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2023 17:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق