خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە يەر تەۋرىدى

 25-يانۋار خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدە ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچار شەھىرىدە يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 00:11 دە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 35.83 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 79.89 گىرادۇس) 4.9 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

ئۇندىن باشقا 25-يانۋار ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچار شەھىرىدە 3.9 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 25-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 13:19 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچار شەھىرىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.22 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.97 گىرادۇس) 3.9 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاپەت جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1130 قېتىم كۆرۈلدى
26/01/2023 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق