تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى

ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى 20 نەچچىگە يېقىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيە ئەزاسى ئامېرىكىنى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ۋاقتى ئۆتكەن ئاتالمىش «بىر خىتاي» سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرغان قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە بايدېن ھۆكۈمىتىدىن تەيۋەننىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇشىنى قوللىشى ۋە ئامېرىكا-تەيۋەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ھەققىدە كېڭىشىش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر لايىھەنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم تىفانى ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى سكوت پېررى قاتارلىقلار 25-يانۋار ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسىدە: «پىرېزىدېنت ۋاقتى ئۆتكەن ئاتالمىش بىر خىتاي سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، تەيۋەننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىغان مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشى كېرەك» دېيىلگەن.

قانۇن لايىھەسىدە يەنە پىرېزىدېنتنىڭ تەيبېيدە دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئۆزئارا باش ئەلچى ئەۋەتىشى كېرەكلىكى، ئەمەلدارلار ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا باردى-كەلدى قىلىشنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىنى بىكار قىلىش كېرەكلىكى، ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈچۈن رەسمىي سۆھبەت باشلىنىشى كېرەكلىكى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئەزا بولغان باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 535 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2023 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق