تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ «ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمى» قۇرۇلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بەش كىشىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمى قۇرغان بولۇپ، 26-يانۋار رەسمىي خىزمەت باشلىدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مەزكۇر بۆلۈمى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىسلامىي قېرىنداشلىق روھىنى يەتكۈزۈش، سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان مېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىش، خەلق بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان.

نۆۋەتتە ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ خىزمەت تۈرلىرىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى قەرەللىك يوقلاش، جىددىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، تەشكىلاتلار بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، تەكلىپ-پىكىرلەرنى يەتكۈزۈش، خاتا چۈشەنچە ۋە زىددىيەتلەرنى يوقىتىش، تېخىمۇ كۈچلۈك بىرلىك ھاسىل قىلىش ھەمدە تۈرلۈك ساھەلەردە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئىگىلىك تىكلەۋاتقان كىشىلەرنى قوللاش، مەدەت بېرىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1307 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2023 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق