خىتاينىڭ يۈك پاراخوتى چۆكۈپ كېتىپ كەم دېگەندە سەككىز ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ يۈك پاراخوتى كۈچلۈك شامالدا چۆكۈپ كېتىپ، كەم دېگەندە ئالتە پاراخوت خادىمى ئۆلۈپ، توققۇز ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى دەلىللەندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تىزىمغا ئالدۇرغان بىر يۈك پاراخوتى 25-يانۋار ياپونىيە بىلەن كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارا دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەن. خىتاي سەككىز پاراخوت خادىمىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالتىسى خىتاي پۇقراسى ئىكەن.

كورىيە ۋە ياپونىيە مەنبەلىرىگە قارىغاندا، 6500 توننىلىق يۈك پاراخوت چارشەنبە ئەتىگەندە كورىيەنىڭ چىجۇ ئارىلى ۋە ياپونىيەنىڭ ناگاساكى شەھىرى ئارىسىدىكى خەلقئارا دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا كۈچلۈك شامالغا يولۇقۇپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن. پاراخوتتىكى خادىملار قۇتقۇزۇش كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغان بولۇپ، شۇندىن كېيىن قۇتقۇزۇش سىگنالى يوقاپ كەتكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، پاراخوتتا 22 پاراخوت خادىمى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي پۇقراسى بولۇپ، قالغانلىرى بېرما پۇقراسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرى بىرلەشمە ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا مۇھاپىزەت پاراخوتى ۋە ئايروپىلانلارنى ئەۋەتىپ 13 ئادەمنى تاپقان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 26-يانۋار خىتاينىڭ فۇكۇئوكادىكى باش كونسۇلى لۇ گۈيجۈننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 13 كىشى ئىچىدىكى بەش كىشىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن، ئەمما سەككىز ئادەم ئۆلگەن. خىتاي تەرەپ ياپونىيە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش تارماقلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە ياپونىيە تەرەپتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن پاراخوت خادىملىرى ئىچىدىكى ئىز-دېرىكى بولمىغان باشقا توققۇز كىشىنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياپونىيە دېڭىز-ئوكيان مۇداپىئە قىسمىمۇ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، قۇتقۇزۇۋېلىنغان كىشىلەرنى ياپونىيەگە سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە داۋالاشقا ئەۋەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھادىسە يۈز بەرگەن يەر قۇرۇقلۇقتىن تەخمىنەن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ناچار ھاۋارايى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 605 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2023 16:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق