ئامېرىكا خىتايغا قارشى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىم قۇردى

ئامېرىكا ئارمىيەسى خىتاينىڭ ھەربىي خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، گۇئامدا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى قۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى 2023-يىلى 26-يانۋار گۇئامدىكى براندىس گازارمىسىدا دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن.

بۇ 70 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا قۇرغان تۇنجى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىسى ئىكەن. بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بازا بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالغان.

دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىنىڭ قوماندانى گېنېرال داۋىد بېرگېر

شۇ كۈنى تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئۇچۇر يوللاپ: «گۇئام ئىستراتېگىيەلىك تۈگۈن سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان ياخشى جاي، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىم بولۇپ قۇرۇلدى. بۇ بىرلەشمە جەڭ قىلغۇچى قىسىم بولۇپ، ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەرنى ياخشى جەڭ مەشىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش بازىسى برادس گازارمىسى 2012-يىلى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن قۇرۇلغان. كېلىشىمدە مىڭلىغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋادىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ۋە ئائىلىسىنىڭ يەرلىك مەھەللىلەرگە بولغان سەلبىي تەسىرىنى ئازايتىش ھەمدە رايوندا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىگە قارشى ئامېرىكىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىنى تەڭشەش پىلانلانغان.

دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ تور بېتىدە ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بىرادس گازارمىسى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ رولىنى ئوينايدىكەن ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەھدىتكە قارشى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 574 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2023 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق