فىجى خىتاي بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى بىكار قىلدى

 تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت فىجى خىتاي بىلەن بولغان بىخەتەرلىك ھەمكارلىق پىروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشچە، مەزكۇر ھەمكارلىق ساقچىلارنى تەربىيەلەش ۋە ۋاقىتلىق ۋەزىپىلەندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، فىجى ساقچى ئىدارىسى خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىجى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر  سىتىۋېنى رابۇكا گېزىتكە: «فىجى ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئەمدى خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى سىستېمىمىزمۇ ئوخشىمايدۇ» دېگەن ۋە ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىخەتەرلىك ساھەسىدە داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «بىزنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەدلىيە سىستېمىمىز خىتاينىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، بىز ئوخشاش تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

باش مىنىستىرنىڭ باياناتى 2011-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان چۈشىنىش ئەسلەتمىسى بىلەن باشلانغان ھەمكارلىق پىروگراممىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، مەزكۇر پروگرامما دائىرىسىدە، فىجى ساقچىلىرى خىتايدىكى تەربىيىلەشكە قاتنىشاتتى ۋە خىتاي ساقچىلىرىمۇ ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە مۇددەت بىلەن فىجىدا خىزمەت قىلاتتى. شۇنداقلا بۇ ھەمكارلىق پىروگراممىسىغا ئاساسەن 2021-يىلى فىجىدا خىتاي ساقچى پونكىتى ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى ئېچىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 711 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2023 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق