خىتايدا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن جەسەت ساندۇقلىرى يېتىشمىگەن

خىتايدا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ شىددەت بىلەن يامرىشى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپلىكىدىن جەسەت ساندۇقى كىرىزىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، جەسەت ساندۇقى ئىشلەپچىقارغۇچىلار يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان توختىماي ئىشلىگەن.

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇخبىر خىتاينىڭ شىمالىدىكى شەنشى رايونىدا جەسەت ساندۇقى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلار تارىختىكى ئەڭ ئالدىراش كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان توختىماي ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

جەسەت ساندۇقلىرىنىڭ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر خىتاي ئۇ رايونغا خاس قارا يۇمۇر بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ، بۇ كۈنلەردە دەپنە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ «ئوبدان كىرىم قىلىۋالغانلىقى»نى قوشۇپ قويغان. نۆۋەتتە خىتايدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ ھەقىقى سانى ھەققىدە نۇرغۇن  مۇنازىرىلەر ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

تارقىلىشچان كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى ۋۇ زۈنيوۋنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، 12-ئايدا چەكلىمىلەر بوشىتىلغاندىن بۇيان، خىتايدىكى 1 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ %80 ى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان رەسمىي رەقەملەردە بىر ئاي ئىچىدىلا 70 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى. شۇنداقلا بۇ سانلارنىڭ ئىچىگە ئۆيدە قازا قىلغانلارنىڭ كىرگۈزۈلمىگەنلىكى تەكىتلەنگەنىدى.

ب ب س مۇخبىرى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىمۇ زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ يەرلەرنىڭ ناھايىتى بېسىقچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە يېزا يول بويلىرىدا كۆپ ساندا يېڭى كۆمۈلگەن جەسەتلەرنىمۇ كۆرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 706 قېتىم كۆرۈلدى
27/01/2023 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق