گوللاندىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تىك توك ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدا خىتاي ئەپ دېتالى تىك توكنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىككە كەلتۈرگەن خەۋپى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، گوللاندىيەمۇ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن تىك توكنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسەت گېزىتى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك مىنىستىرلىق ۋە ئورگانلارنى تىك توكنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ۋە تىك توكتىكى ھۆكۈمەت ئالاقىسى ۋە ئېلانلىرىنى توختىتىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىگە قوشۇلغان.  

گوللاندىيەنىڭ تىك توكتىن ۋاز كېچىش قارارى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، قاراردا ھۆكۈمەتنىڭ تىك توكنى ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. بۇ تەۋسىيە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 12-ئايدىن باشلاپ تىك توكنى ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتىشنى چەكلەش قارارىغا ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما گوللاندىيەدىكى ئىجرا قىلىش دائىرىسى بىر قەدەر چەكلىك ئىكەن.

سىياسەت تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گوللاندىيە ئەمەلدارلىرى يېقىنقى ئايلاردا ۋاشىنگتون بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان. چۈنكى ئامېرىكا خىتايغا سەزگۈر تېخنىكىنىڭ سېتىلىشىنى كونترول قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە گوللاندىيە ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ماگناتى ASML ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرمۇ بار ئىكەن. گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې بۇ ئايدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ خىرىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا مۇزاكىرە قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 562 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2023 13:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق