ئامېرىكا گېنېرالى: خىتاي بىلەن ئىككى يىل ئىچىدە ئۇرۇش قىلىشىمىز مۇمكىن

ئامېرىكىنىڭ بىر گېنېرالى ئىككى يىل ئىچىدە خىتاي بىلەن ئۇرۇش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەپ، قول ئاستىدىكى قىسىملارنى زۆرۈر تەييارلىقلارنى تېزلىتىشكە بۇيرۇدى.

ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە يۆتكىلىشچان قىسمىنىڭ قوماندانى مايكىل مىنىھان قول ئاستىدىكىلەرگە يوليورۇق بېرىپ، تەيۋەن مەسىلىسى سەۋەبلىك ئەڭ تېز بولغاندا ئىككى يىل ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.

مايكىل مىنىھان بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مەن خاتالاشقان بولسامكەن دەيمەن. ئەمما 2025-يىلى ئۇرۇشىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىۋاتىمەن» دېگەن ۋە شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئۆز تەختىنى يەنە بىر قېتىم مۇستەھكەملىگەنلىكىنى، 2024-يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان تەيۋەندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ خىتايغا باھانە بولۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بولسا 2024-يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى سەۋەبلىك دىققىتى چېچىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭمۇ ئوخشاشلا خىتايغا نىسبەتەن ھەرىكەت قوزغاش پۇرسىتى يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ قول ئاستىدىكى قوشۇنلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تەييارلىقنى پۇختا قىلىشنى، تەلىم-تەربىيە، مەشىقلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى، ئەڭ ياخشى جەڭ ھالىتىگە كېلىشنى تەلەپ قىلغان ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ قورقۇتۇش ئىكەنلىكىنى، زۆرۈر تېپىلغاندا خىتاينى مەغلۇپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئۆز قول ئاستىدىكىلەرگە چۈشۈرگەن بۇ يوليورۇقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تارقالغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 778 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2023 13:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق