خىتاي ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ پاناھلىق مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىغا پاناھلانغان خوڭكوڭ پۇقرالىرىنى مەجبۇرىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارىغا ئىنكاس قايتۇردى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خوڭكوڭ كومىتېتى ئىشخانىسى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭدىن ئايرىلىدىغان خىتايغا قارشى كۈچلەرگە پاناھلىق بېرىش ئارقىلىق بۇ رايوندا بۆلۈنۈش ۋە مالىمانچىلىق پەيدا قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

باياناتتا بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي رېجىمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى، ھەمدە ئاتالمىش «بىر دۆلەت، ئىككى سىستېما» سىياسىتى بىلەن رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا يەنە ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭدىكى قانۇنىي تەرتىپ ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەنقىد قىلىشىنى «ساختا» دەپ تەسۋىرلەپ، ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنى خوڭكوڭدىن پايدىلىنىپ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى تەيىنلەپ قويغان خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاساسسىز ھالدا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا تۆھمەت قىلغانلىقىنى، ھەمدە بۇ قارارنى تاشقى سىياسەت سەۋەبىنى ئاساس قىلىپ «زومىگەرلىك» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن تۈنۈگۈنكى قاراردا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ مەجبۇرىي چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلماسلىقى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەنىڭ مۇددىتىنى 24 ئاي ئۇزارتقانىدى. مەلۇم بولۇشچە، بۇ قاراردىن نۆۋەتتە ئامېرىكىدا تۇ سالاھىيەتتە تۇرۇۋاتقان 3680 خوڭكوڭلۇق بەھرىمەن بولالايدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 750 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2023 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق