ئامېرىكا خىتايغا قارشى ياپونىيە ۋە گوللاندىيە بىلەن رەسمىي كېلىشىم تۈزدى

ئامېرىكا ياپونىيە ۋە گوللاندىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۆزەك سانائىتىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم تۈزدى.

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا گوللاندىيە ۋە ياپونىيە بىلەن بىر قىسىم ئىلغار ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىلىرىنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەشكە قوشۇلغان ۋە شۇنداقلا بۇ كېلىشىم بىلەن تاموژنا كونتروللۇقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىمنى ئۇزارتىشقا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئاقساراي باياناتچىسى جون كىربى بۇ ھەقتە: «بۇ كېلىشىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلارنى قوغداشتا مۇھىم» دېگەن.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى قانچىلىغان قېتىم بايان قىلغانىدى. شۇنداقلا ئۆزەك سانائىتىدىكى خىتاي تەھدىتى ھەققىدە توختالغاندا «دېموكراتىيە ئۆزىكى» دېيىش ئارقىلىق باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھارىس يەنە ياپونىيە شىركەتلىرىنى ئۆزەك كەسپىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 732 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2023 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق