دوكلات: خىتاي ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، چېگرا توقۇنۇشى خەۋپىنى ئاشۇردى

ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرى ھىندىستان بىلەن خىتاي تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان رايونلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا خىتاي چېگرادا ھەربىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايوندا ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش خەۋپىنىڭ ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر تەتقىقات دوكلاتى 20-يانۋاردىن 22-يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك لاداخ چېگرا ساقچىلىرى يىغىنىغا تاپشۇرۇلغان مەخپىي دوكلات ئىكەن. رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى قاتناشقان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ باھالاش دوكلاتى يەرلىك ساقچىلارنىڭ چېگرا رايونلاردا توپلىغان ئاخباراتلىرى ۋە ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ يىللىق ھەربىي زىددىيەتنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىشى ھەمدە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان.

ھازىرغا قەدەر ھىندىستان ئارمىيەسى ياكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر دوكلات ھەققىدە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

رويترس ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى كۆرگەن دوكلاتنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى ئىچكى زىددىيەت ۋە خىتاينىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقاندا، خىتاي ئارمىيەسى چېگرادا داۋاملىق ھەربىي ئۇل ئەسلىھە قۇرىدىكەن. رايوندىكى توقۇنۇشلار بارغانچە كۆپىيىدىكەن.

دوكلاتتا ئىگىلىرى سۈرۈشىچە، ئىلگىرىكى توقۇنۇش ۋە جىددىيلىكنىڭ ئەندىزىسى بويىچە  تەھلىل قىلغاندا 2013-ۋە 2014-يىللىرىدىن باشلاپ، توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسى ھەر ئىككى - ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كۆپەيگەن ۋە كۈچەيگەن.

دوكلاتتا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ چېگرادا داۋاملىق ئۇل ئەسلىھە قۇرغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرى بىر-بىرىنىڭ ئىنكاسى، زەمبىرەك ئوتىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ۋە پىيادە ئەسكەرلەر ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتىنى سىناق قىلماقتا ئىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى قۇرۇش ئارقىلىق ھىندىستان زېمىنىغا قىستاپ كىرگەن. نەتىجىدە ھىندىستاننىڭ لاداختا ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى ئاستا-ئاستا تارايغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 794 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2023 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق