قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتتى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروف زىيارەتكە كەلگەن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايوف بىلەن بىشكەكتە ئۇچرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى خىتابنامىنى ئىمزالىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 27-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، پىرېزىدېنت جاپاروف بىلەن پىرېزىدېنت مىرزىيايوف ئىككى تەرەپ سۆھبەت داۋامىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ تارىختىكى يېڭى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، شۇ كۈنى ئىمزالانغان ئىككى تەرەپ ھۆججىتىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

سۆھبەتلىشىش مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، قاتناش، سۇچىلىق ئىشلىرى ۋە رايونلار ئارا ئالاقە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سانائەت، توقۇمىچىلىق، ئېنېرگىيە، كان ئېچىش ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىق، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئىككى دۆلەتنىڭ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، تۈرلۈك تەھدىت ۋە خىرىسلارغا بىرلىكتە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئىككى دۆلەت پىرېزىدېنتلىرى يەنە قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرانى بېكىتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغانلىقىنى جاكارلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 770 قېتىم كۆرۈلدى
28/01/2023 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق