شايار ناھىيەسىدە قاتتىق يەر تەۋرىدى

30-يانۋار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەشتىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 05:49 دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.03 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.30 گىرادۇس) 6.1 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 50 كىلومېتىر بولغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى رايونلار، قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى، ئۈرۈمچى ۋە ئارال رايونىدىكى ئاھالىلەر كۈچلۈك يەر تەۋرەشنى ھېس قىلغان. تۆمۈر يول تارماقلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى تۆمۈر يول بۆلىكىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى جىددىي توختاتقان.

خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ يەر تەۋرەش ھېس قىلغان رايونلاردىكى تۆمۈر يول، كۆۋرۈك، تونېللار ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈشكە ئادەم تەشكىللىگەنلىكى، ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئونغا يېقىن يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەمما ئاپەت جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1140 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2023 16:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق