ئامېرىكىنىڭ 2022-مالىيە يىلىدا قورال-ياراغ سېتىش سوممىسى ئاشقان

ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئامېرىكىنىڭ 2022-مالىيە يىلىدا قورال-ياراغ سېتىش سوممىسى تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.

خىتاي خەلق تورى 29-يانۋار بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-مالىيە يىلىدا ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا قورال-ياراغ سېتىش سوممىسى ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكىگە قارىغاندا %50 كە يېقىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ كەسكىنلىشىشى ئىكەن.

ئامېرىكا 25-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتتا 2022-مالىيە يىلىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھوقۇق بەرگەن چەت ئەلگە قورال-ياراغ سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 51 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكى 34 مىليارد 800 مىليون دوللاردىن %49.1 ئاشقان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2022-مالىيە يىلىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىنى ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا بىۋاسىتە ساتقان قورال-ياراغ ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىگە ھوقۇق بېرىش ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 153 مىليارد 700 مىليون دوللار بولۇپ، ئالدىنقى مالىيە يىلىدىكىگە قارىغاندا %48.6 ئۆرلىگەن.

2022-مالىيە يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سودىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدە تىزىمغا ئالدۇرغان دۆلەت مۇداپىئەسى سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 14 مىڭ 445 كە يەتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە سودىدىكى ھەربىي قورال ياراغ سېتىش سوممىسىنىڭ تېز كۆپىيىشى ئاساسلىقى رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللىغانلىقىدىن ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 25-چېسلا يېڭىلىغان ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىش تىزىملىكىدە ئاشكارىلىشىچە، بۇلتۇر 2-ئايدىن ھازىرغىچە، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا بەرگەن ھەربىي ياردىمىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 27 مىليارد 100 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 592 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2023 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق