ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى يىللىق خىزمەت دوكلاتى يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسىنىڭ 2022-يىللىق خىزمەت دوكلاتى يىغىنى 29-يانۋار ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

ئىلىميار ياشلار گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەر يىلى يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىندا ئالدىنقى يىللىق خىزمەتلەر ۋە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر يەكۈنلەندى. يىغىندا 2022-يىلىدا قىلىنغان خىزمەتلەر 2021- يىللىق خىزمەتلەرگە سېلىشتۇرۇلغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى يەنە يېڭى يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ۋە گۇرۇپپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىرلەشتى. شۇنداقلا بۆلۈملەر بويىچە ئەركىن مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، گۇرۇپپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىن ئاخىرىدا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ئەزالارغا سوۋغات ۋە تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1237 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2023 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق