ماراكەش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى

2-فېۋرال ئىستانبۇلدىكى ماراكەش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ماراكەش ھۆكۈمىتى ئىدرىس ھەسەننى تېزدىن قويۇپ بېرىش ۋە خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلىندى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، مۇسۇلمان ئالىملار ئىتتىپاقى، پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە باشقا بىر قانچە تەشكىلات ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ماراكەش تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدرىس ھەسەننىڭ تېزدىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى تەلەپ قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمۇدجان داموللام بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولاۋاتقانلىقى، ئىدرىس ھەسەن خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ ئوخشاش بولىدىغانلىقى، مۇسۇلماننى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇسۇلمان ھۆكۈمىتى ياكى بىر مۇسۇلمانغا لايىق ئەمەسلىكى، بۇ سەۋەبلىك ماراكەش ھۆكۈمىتىنى ئىدرىس ھەسەننى قويۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىدرىس ھەسەننىڭ ئايالى بۇزەينۇر خانىممۇ سۆز قىلىپ، يولدىشىنىڭ خىتاي تۆھمەت قىلغاندەك جىنايەتچى ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ چىققانلىقىنى، ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ خىتاينىڭ تۆھمەتلىرىگە ئىشىنىپ قالغانلىقىنى، ماراكەش ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يولدىشىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ھەرقايسى ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى تۇرغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئىدرىس ھەسەننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ماراكەش ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان مەكتۇپ يېزىشقا چاقىردى.

ئىدرىس ھەسەن 2021-يىلى 19-ئىيۇل خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ماراكەش دائىرىلىرى تەرىپىدىن كاسابىلانكا ئايرودۇرۇمىدا تۇتۇپ قېلىنغان. ئىدرىس ھەسەننىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوت مەھكىمىسى ئىدرىس ھەسەننى خىتايغا قايتۇرۇشنى قارار قىلغان بولۇپ، سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنغىلى بولمايدىكەن. ئەمما ئەھۋالنى خەلقئارا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىغا مەلۇم قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن، ئىدرىس ھەسەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماسلىق ھەققىدە ھەرىكەت قىلىشقا بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا ئىككىنچى بىر ئامال بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلار ئارقىلىق ئىدرىس ھەسەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ماراكەش ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1339 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2023 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق