ھىندىستان تاراتقۇلىرى: تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى خىتايغا قارشى ھەمكارلىققا چاقىردى

ھىندىستان تاراتقۇلىرى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى توختىتىش مەسىلىسىدە ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى 20-فېۋرال تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ھىندىستان ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سورىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى مۇئاۋىن ئەمرى ئابدۇسالام يېقىندا مەركىزى ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىسلامىي تېئولوگىيە مەركىزىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ ھىندىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ گالۋان ۋادىسى ۋە ئارۇناچال پىرادىشتا زومىگەرلىكتە كۈنسېرى چەكتىن ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ھىندىستاننى ھوشيار بولۇشقا چاقىرىپ: «خىتاي پۇرسەت تاپسىلا ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەزى چېگرا رايونلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ئېھتىماللىقى بار. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قۇتۇلۇشنى، قوشنىدارچىلىققا رىئايە قىلىدىغان بىر قوشنا دۆلەتنى ئارزۇ قىلىدۇ، دەپ ئويلايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇ يەنە ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ: «تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتىگە غەمخورلۇق قىلغانغا ئوخشاش، قوشنىدارچىلىقىمىزنى ئېتىبارغا ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەر جەھەتتىن ياردەمدە بولۇشىنى، ۋەتەنسىزلىكتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە پاناھلىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4404 قېتىم كۆرۈلدى
28/02/2023 17:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق