تۈركىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم 2002-يىلى 3608 دوللار بولغان. ئاق پارتىيە 2002-يىلقى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، 2009-يىلىنى ھېسابلىمىغاندا، داۋاملىق ئۆرلەپ 2013-يىلى 12582 دوللارغا يەتكەن.
تۈركىيەنىڭ 2002-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەندىكىدەك بولغان:
2002-يىلى يىللىق كىشى بېشىغا 3608 دوللاردىن توغرا كەلگەن.
2003-يىلى 4739 دوللار
2004-يىلى 6021 دوللار
2005-يىلى 7376 دوللار
2010-يىلى 10629 دوللار
2011-يىلى 11289 دوللار
2012-يىلى 11675 دوللار
2013-يىلى 12582 دوللار
2014-يىلى 12178 دوللار
2015-يىلى 11085 دوللار
2016-يىلى 10964 دوللار
2017-يىلى 10696 دوللار
2018-يىلى 9893 دوللار
2019-يىلى 9195 دوللار
2020-يىلى 8600 دوللار
2021-يىلى 9592 دوللار
تۈركىيە خەلقىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 2021-يىلى 9592 دوللار بولۇپ، دۇنيادىكى 190 دىن كۆپ دۆلەتنىڭ تىزىملىكىدە 81-ئورۇندا تۇرغان. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، 2021-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ رەت تەرتىپى تۆۋەندىكىچە بولغان:
1. لىيۇكسىمبۇرگ: يىللىق كىرىم كىشى بېشىغا 136 مىڭ 701 دوللاردىن توغرا كەلگەن.
2. ئىرېلاندىيە: 99013 دوللار
3. شىۋېيتسارىيە: 93720 دوللار
4. نورۋېگىيە: 89090 دوللار
5. سىنگاپور: 72795 دوللار
6. ئامېرىكا: 69231 دوللار
10. ئاۋسترالىيە: 63529 دوللار
11. شىۋېتسىيە: 60029 دوللار
12. گوللاندىيە: 58092 دوللار
16. كانادا: 52079 دوللار
17. ئىسرائىلىيە: 51416 دوللار
18. گېرمانىيە: 50795 دوللار
22. ئەنگلىيە: 470203 دوللار
23. فىرانسىيە: 44853 دوللار
26. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى: 42884 دوللار
28. ياپونىيە: 39340 دوللار
...
41. چېخ: 26411 دوللار
44. سەئۇدى ئەرەبىستان: 23507 دوللار
48. گىرېتسىيە: 20256 دوللار
54. ئىران: 16784 دوللار
61. رومىنىيە: 14667 دوللار
65-خىتاي: 12359 دوللار
68. بۇلغارىيە: 11684 دوللار
78. تۈركىيە: 9528 دوللار
ئەمما باشقا بىر مەنبەدە تۈركىيە 2022-يىلى 81-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، 2023-يىلى ئاندىن 78-ئورۇنغا ئۆتىدۇ، دېيىلگەن.
بۇ تىزىملىككە قاتار قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر كىرگۈزۈلمىگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنى ۋال كوچىسى گېزىتى مۇنداق رەتكە تۇرغۇزغان:
قاتار: كىشى بېشىغا 116079 دوللار بىلەن 1-ئورۇندا تۇرغان.
كۇۋەيت: 72087 دوللار بىلەن 5-ئورۇندا تۇرغان.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى: بۇ تىزىملىكتە 67075 دوللار بىلەن 7-ئورۇندا تۇرغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان: 49062 دوللار بىلەن 14-ئورۇندا تۇرغان.
بەھرەين: 41055 دوللار بىلەن 23-ئورۇندا تۇرغان.
تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاق پارتىيە دەۋرىدە ھەسسىلەپ ئاشقان بولسىمۇ، دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئالىدىغان ئۈلۈشى يىلدىن-يىلغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى بىلەن بىرگە، دۇنيا ئىقتىسادىمۇ ئاشقان. ئەمما تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن ئاستا بولغان.
تۈركىيەنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى نىسبىتى تۆۋەندىكىدەك بولغان:
1980-يىلى %0.86؛
1990-يىلى %1.01؛
2001-يىلى %0.6؛
2013-يىلى %1.24؛
2021-يىلى %0.84؛
تۈركىيە ئىقتىسادى دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر رەت تەرتىپىدە تۆۋەندىكىدەك بولغان:
1980-يىلى 21-ئورۇندا تۇرغان.
1985-يىلى 22-ئورۇندا تۇرغان.
1990-يىلى 19-ئورۇندا تۇرغان.
1995-يىلى 24-ئورۇندا تۇرغان.
2000-يىلى 21-ئورۇندا تۇرغان.
2005-يىلى 17-ئورۇندا تۇرغان.
2010-يىلى 17-ئورۇندا تۇرغان.
2015-يىلى 16-ئورۇندا تۇرغان.
2020-يىلى 20-ئورۇندا تۇرغان.
2022-يىلى 23-ئورۇندا تۇرغان.
ئەمما باشقا مەنبەدە، تۈركىيە 2022-يىلى 853 مىليارد 500 مىليون بىلەن، 2023-يىلى بولسا 941 مىليارد 600 مىليون دوللار بىلەن دۇنيادا ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر تىزىملىكىدە 20-ئورۇندا تۇرىدۇ، دېيىلگەن.
بۇ تىزىملىكتە دۇنيادا ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، 22 تىرىليون 998 مىليارد دوللار ئىقتىسادقا ئىگە ئىكەن. خىتاي 17 تىرىليون 458 مىليارد دوللار بىلەن 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر
2023-يىلى 6-مارت