د ئۇ ق 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كانادانىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە نورۋېگىيە لىبېرال پارتىيەسى رەھبىرى تەرىپىدىن 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-مارتتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەركىزى گېرمانىيەدە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا قارشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن، 2023-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكۈچىلەر كانادا پارلامېنت ئەزالىرىدىن سامىر زۇبەرى، ئالېكىس بىرۇنېلى دۇسپې ۋە نورۋېگىيە لىبېرال پارتىيەسىنىڭ ياشلار قانىتى رەھبىرى ئان بىرېۋىك قاتارلىقلار ئىكەن. 

بۇ ھەقتىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قۇرۇلتاينىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى، بۇ تەشكىلاتنى مۇكاپاتلاشنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1506 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2023 13:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق