ئۆلىمالار بىرلىكى ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى

 

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بۈگۈن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى مەزگىللەردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە باش كۆتۈرۈۋاتقان ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاش ئۇرۇنۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

باياناتتا ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا يولباشچى سۈپىتىدە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ھەقنى ئەسلىتىپ تۇرىدىغانلىقى، ئاخىرقى پەيغەمبەر بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدا ئىسلام ھۆكۈملىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەنلىكىنى، ھازىرقى دەۋرگە كەلگۈچە قۇرئان ۋە سۈننەتنى چۈشىنىش مەسىلىسىدە نۇرغۇن پىكىر ئېقىملىرى مەۋجۇتلۇقى، ئەمما مۇسۇلمانلار ئارىسىغا پىتنە ۋە پاسات پەيدا قىلىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى بۇزىدىغان پىرقىلەرنىڭمۇ بارلىققا كەلگەنلىكى، نۆۋەتتە باش كۆتۈرۈۋاتقان ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ دەل شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى.

باياناتتا يەنە ھەدىسشۇناسلىقنىڭ ئىلمىي ۋە ئىنچىكە مېتود بىلەن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى، ئەھلى سۈننە ئۆلىمالىرىنىڭ تارىختىن بېرى قۇرئان بىلەن سۈننەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكى، ئەمما بىر تۈركۈم ئاتالمىش «موللا»لارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ھېچقانداق قىممىتى يوق سۈنئىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىپ، ئارىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، ئىختىلاپ تۇغدۇرۇۋاتقان شەخسلەردىن ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

 

بۇ خەۋەر 1501 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2023 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق