تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتىنى پاش قىلماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقىلىۋاتقان سىنلار خىتاي شىركىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق پاش قىلماقتا.

خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىزچىل تۈردە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇپ، 10-مارت ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.

تارقالغان سىننىڭ بىرىدە خىتاينىڭ ۋېيخەي جىيۈ بېلىقچىلىق سايمانلىرى شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارمىقىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئەر-ئايالنىڭ رەتلىك تۇرغۇزۇلۇپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «دۆلەت شېئىرى»نى خىتايچە ئوقۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئىش فورمىسى كىيىپ، ئەسكەرچە تىزىلىپ، ناخشا ئېيتىشى قاتتىق تۈزۈمدە باشقۇرۇلۇۋاتقان تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەرنى ئەسلىتىدىغان بولۇپ، ئېغىر ۋاسىتىلەر بىلەن كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

يەنە بىر سىندا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىق قارمىقى ياساۋاتقانلىقى، ئېغىر ۋەزىپە تاپشۇرۇلغاندەك جىددىي مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

يەنە بىر سىندا بولسا قارماقلارنى قاچىلاش سېخلىرى، يەشىكلەرگە قاچىلىنىۋاتقان قارماقلارنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ قان-يېشى بىلەن بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانى كۆرسىتىلگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خەلقنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان، تۈرلۈك جازالار، ئېمبارگولار ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ساختا تەشۋىقاتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە. بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدىكى تاماقنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار، ئىش ھەققىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولغىنىنى ئاز دەپ، ئاي ئاخىرىدا تاماق پۇلى تۇتۇپ قېلىنىدىكەن. بۇ سەۋەبلىك ئىشچىلارنىڭ قولىغا تېخىمۇ ئاز پۇل تېگىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1375 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2023 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق