تۆت ئۇيغۇر پۇتبولچى خىتاي كوماندىسىنى سەككىز كۈچلۈككە ئېلىپ كىردى

تۆت ئۇيغۇر پۇتبول ماھىرى خىتاي پۇتبول كوماندىسىنى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا ئېلىپ كىردى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 9-مارت كەچتە U20 (20 ياشتىن تۆۋەنلەر) ئاسىيا لوڭقىسى ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى D گۇرۇپپىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، خىتاي كوماندىسى تۆت ئۇيغۇر ماھىرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 1:1 نەتىجە بىلەن قىرغىزىستان كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، ئاخىرىدا بىر مەيدان ئۇتۇش، بىر مەيدان تەڭلىشىش، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدىن چىققان.

شىرزات نۇر، ئەفىردىن ئەسقەر، بەھرام ئابدۇۋەلى، مۇتەللىپ ئىمىندىن ئىبارەت شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ماھىرلار ھەرىكىتىنىڭ چەبدەسلىكى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە شاللىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي كوماندىسىنى سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا ئېلىپ كىرگەن.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كوماندىدىكى ئەفىردىن، بەھرام، شىرزاتتىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئۈچ ماھىر ئالدى مەيدان ھۇجۇم گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگەن. مۇسابىقە باشلىنىپ ئالتە مىنۇت ئۆتكەندە، ئەفىردىن ئالدىنقى مەيداندا توپنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، چەكلەنگەن رايوننىڭ ئالدىدا توپ ئۇرغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسى توسۇۋالغان. 19-مىنۇتتا ئەفىردىن قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونىدا يەنە بىر قېتىم توپ ئۇرۇش پۇرسىتى ياراتقان. مۇسابىقە باشلىنىپ 26 مىنۇت بولغاندا، بەھرام مەيدان چېتىدىن توپنى ئېلىپ بۆسۈپ ئۆتۈپ، كۈچەپ توپ ئۇرغان، توپ ئوخشاشلا توسۇۋېلىنغان.

كېيىنكى يېرىم مەيداندا مۇتەللىپ زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. مۇسابىقىنىڭ 58-مىنۇتىدا ئەفىردىن سول تەرەپتىن توپ ئېلىپ تېز سۈرئەتتە بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئارقىدىن توپنى ئوتتۇرا يولغا پاس بەرگەن، چەكلەنگەن رايون سىرتىدىكى قىرغىزىستانلىق توپچى بېكبېردىنوف توپنى ئۆز ۋاراتاسىغا كىرگۈزگەن.

 87مىنۇت بولغاندا قىرغىزىستان كوماندىسى توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجە 1:1 بولغان. ئاخىرىدا خىتاي كوماندىسى 1:1 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان يېڭىپ، بىر مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان يېڭىلىپ، تۆت نومۇرغا ئېرىشىشتەك نەتىجە بىلەن گۇرۇپپىدىن چىققان.

خىتاي كوماندىسى 12-مارت كورىيە كوماندىسى بىلەن تۆت كۈچلۈككە كىرىش ئۈچۈن تۇتۇشقان بولۇپ، 1:3 نەتىجە بىلەن يېڭىلىپ، بۇ قېتىملىق ئاسىيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشقان. ئەمما خىتاي خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر پۇتبولچىلارنىڭ خىتاي پۇتبول كوماندىسىغا قوشۇلۇشى ئۈمىد يۇلتۇزىنىڭ چاقنىغانلىقى، دېگەندەك ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1606 قېتىم كۆرۈلدى
14/03/2023 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق