تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇدىرىيەت يىغىنى ئېچىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 14-مارت 2023-يىللىق كېڭەيتىلگەن مۇدىرىيەت يىغىنى ئاچتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن تەشكىلاتلار بىرلىكى ئەزا تەشكىلات مەسئۇللىرىغا ئۆتكەن بىر يىللىق مالىيە ئەھۋالىدىن تەپسىلىي دوكلات بېرىلدى. ئارقىدىن تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئالدىنقى بىر يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ھەمدە بۇ يىل بىرىنچى مەۋسۇمدىكى مالايشىيا زىيارىتى جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن خەلق دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرى، مالايشىيادا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر-مالايشىيا مۇناسىۋەتلىرى تەشكىلاتى» قاتارلىق خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىلدى.

يىغىندا يەنە رامىزان مەزگىلىدە قىلىدىغان خىزمەت ۋە پائالىيەت پىلانى ھەمدە يىل ئاخىرغىچە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان خەلق دىپلوماتىيە ھەرىكىتى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدىكى پىلان-پىروجېكتلەر ھەققىدە دوكلات بېرىلدى.

ئاخىردا تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بۇ يىل ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان پىلان-پىروجېكتلەر ھەققىدە تەكلىپلەر ئېلىندى. ئۇندىن باشقا يەنە 5-ئاپرېل بارىن قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش قاتارلىق مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.

تەييارلىغۇچى ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1466 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2023 17:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق