خىتاي بۇ يىللىق خىتايلاشتۇرۇش پىلانى ۋە سېلىنمىسىنى ئېلان قىلدى

خىتاي بۇ يىللىق شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانى ۋە سېلىنمىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى تاماملاشنى پىلانلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 13-مارت ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ 2023-يىللىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يىل جەمئىي 400 نۇقتىلىق تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئومۇمىي سېلىنمىسى 2 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن بولۇپ، 300 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىشنى تاماملاشنى پىلانلىغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ بۇ يىللىق شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى تونۇشتۇرۇپ، 2023-يىلى داۋاملىق قۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق تۈر 170، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق تۈر 90، زاپاس نۇقتىلىق تۈر 140 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جاڭ يۇڭلياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش نۇقتىلىق قاتناش تۈرى 77 بولۇپ، ئاساسلىقى تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودۇرۇم قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئاتالمىش لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ جىڭ-ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2-لىنىيە قۇرۇلۇشىنى كۆپەيتىپ قۇرۇشنى پىلانلىغان. خىتاي بۇ ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈشنى تىزلەشتۈرۈشنى پىلان قىلغان. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، نۇقتىلىق تۈرلەر ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش تۈرىمۇ بار ئىكەن. ئېنېرگىيە تۈرى 85 بولۇپ، ئاساسلىقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئېلېكتىر تورى، نېفىت-تەبىئىي گاز، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ دائىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3-يولىنىڭ يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرى، ئاتالمىش غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4-لىنىيەسىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى قۇرۇلۇشى (تۇرپان-جۇڭۋېي) قاتارلىق 37 داۋاملىشىۋاتقان قۇرۇلۇش تۈرى، قومۇلنىڭ شىمالىدىن خىتاينىڭ چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 18 يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈردە ئىش باشلايدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نېفىتتىن باشقا ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قىممەتلىك بايلىقلارنى قېزىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا. ئۇندىن باشقا خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئارىسىدىكى يوللارنى كۆپەيتىپ، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈشنى تېزلەتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىۋاتقان بايلىقلارنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئىشلەتمەيلا قالماستىن، بەلكى بۇ زېمىننىڭ خەلقىنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، ھەتتا پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1541 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2023 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق