ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توسۇشقا ئالاقىدار مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاموژنىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»نىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئالاقىدار ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسى 14-مارت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يولغا قويۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا ئاساسەن، جەمئىي 3237 تۈرلۈك ئىمپورت قىلىنغان مالنى توسۇپ قالغان، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغاندىن كېيىن بۇنىڭ ئىچىدىن 1090 تۈرلۈك مالنىڭ تاموژنىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان، 424 تۈرلۈك مالنىڭ تاموژنىدىن كىرىشى رەت قىلىنغان. نۆۋەتتە 1723 تۈرلۈك مال تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى ساقلىماقتىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا ئاساسەن، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئورگانلىرى ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرى ۋە ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەردىن شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان ياكى چېتىلمىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق ئىسپات بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئىسپاتلىيالمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ. 

بۇ قانۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىغا قارىتا يولغا قويغان تەدبىرى بولۇپ، ئۇندىن باشقا ئامېرىكا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇدى. خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، سىستېمىلىق تۈرمىگە سولاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، خىتاي بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 883 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2023 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق