خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كارىز مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا

يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا بىر قانچە پارچە سىن تارقالغان بولۇپ، سىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كارىز مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

سىندا نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولغان كارىزلارنىڭ رېئال ئەھۋالى، تىندۇرۇلۇپ يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان كارىزلار تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كارىزلارنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ كارىز ئەتراپىغا قۇرۇلۇش قىلىشى، كارىز قۇدۇقلىرىنى ئەخلەت بىلەن تىندۇرۇۋېتىشى، كارىز ئەتراپىدا يەر ئېچىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن كارىزنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

سىندا ئېيتىلىشىچە، مەھەللىدىكى خەلق كارىزلارنىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، توختىھاجىم ئىسىملىك كىشىنى مەسئۇل قىلىپ، خەلق ئارىسىدا مەبلەغ توپلاپ، قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان قىسمەن كارىزلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. 

بىلدۈرۈلۈشىچە، كارىز ئىدىقۇت باغرىدىكى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغان. كارىزلار يەر تەكشىلىكىگە ئاساسەن، ئېگىزلىكتىن پەسلىككە قاراپ كولىنىدىغان بولۇپ، باش تەرىپى چوڭقۇر، بارغانسېرى تېيىزلىشىپ، ئاخىرى يەر ئۈستىگە ئۇلىنىدىكەن. ھازىرغىچە قېزىلغان كارىزلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى ئون كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، 200 گە يېقىن قۇدۇقى بار ئىكەن. خىتاي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇرپاندىكى كارىزلار ھازىر تىندۇرۇلۇپ، پەقەت ساناقلىقلا بىر قانچە كارىز قالغان. دېھقانلار ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، كارىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

كارىزلار ئاساسەن تۇرپان ۋە قۇمۇل رايونىغا تارقالغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل كارىزچىلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن 2500 يىل بۇرۇن تەكلىماكان بويلىرى ۋە تۇرپان ئويمانلىقىنى ئاساس قىلغان تورلاشقان كارىزلارنى قۇرۇپ چىققان. ئۆز ۋاقتىدا كارىزلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 5000 كىلومېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كارىزلار كەم دېگەندە 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن.

مەزكۇر كارىزلار «لەمجىن چوڭ كارىزى، توققۇز ئوغۇل كارىزى، دالان كارىز، دۆڭ كارىز، ئىمىن ئاخۇن كارىزى، ئاچچىق كارىز، دۇتار كارىز» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان.  2009-يىلىدىكى تۇرپان كارىزلىرىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدا بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرى تىزىملانغان كارىزلارنىڭ سانى 1237 ئىكەن. شۇندىن بۇيان ھەر يىلى تەخمىنەن 20 كارىز قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، نەتىجىدە ھازىرقىدەك ساناقلىق ھالغا چۈشۈپ قالغان. نۆۋەتتە خىتاي رېجىمى كارىزلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1743 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2023 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق