ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارى: خىتاي ئۆزى خالىمىغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىخبارات ئەمەلدارى خىتاينىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە بولغان ئۈمىدسىزلىكى سەۋەبلىك، ئۆزى خالىمايدىغان ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسى (DIA) خىتاي ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دوگ ۋېيد 14-مارت ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بارغانسېرى تىركىشىش كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە كىرىشى مۇمكىنلىكىنى، بېيجىڭ ھەر خىل كۈچ كۆرسىتىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تور يىغىنىدا: «ئىستىخبارات خادىملىرى بۇنداق قارشىلىشىش مەزگىلىدە دىپلوماتىيە، ئۇچۇر، ئىقتىساد، سودا قاتلىمىدىكى ھەربىر ساھەدە ئۆزىنى ناھايىتى ئەتراپلىق نامايان قىلىشى كېرەك» دېيىلگەن.

يىغىندا مۇخبىرلار ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنستىن

شى جىنپىڭ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەيۋەننى قوشۇۋېلىش مەسىلىسىدە قانچىلىك كۈچ چىقىرىشنى خالايدىغانلىقىنى سورىغان. ئۇ جاۋابىدا: «مەن خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىنىڭ قارا نىيىتىگە ھەرگىز سەل قارىمايمەن» دېگەن.

ئۇندىن باشقا، دۆلەت مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل باش تەتقىقاتچىسى پائۇل فرېيستلېر پارلامېنت ئەزالىرىغا قىلغان سۆزىدە: «گەرچە خىتاي ۋە رۇسىيە بىر قانچە قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاۋازدىن تېز سۈرئەتلىك قورال سىنىقى قىلغان ھەم ئۇرۇش سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، خىتاي ئۇل ئەسلىھە سىستېما سانى جەھەتتە رۇسىيەنىڭ ئالدىدا» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1120 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2023 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق