خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاكتىپ ئىجرا قىلىنغان رايونلارنى تەقدىرلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «كەنت تازىلىقى ھەرىكىتى»، «نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش» قاتارلىق ناملاردا يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسىنى كۈچەپ ئىجرا قىلماقتا ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلىماقتا.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 15-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي 2022-يىللىق ئاتالمىش «كەنت تازىلىقى ھەرىكىتى»، «نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش» نامىدا ئىجرا قىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنى خۇلاسە قىلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە خىتاي رېجىمىغا ئاكتىپ ماسلاشقان ۋە تولۇق ئىجرا قىلغان ئالتە رايوننى ئىلغار ناھىيەلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى قاتارلىق ئالتە رايون ئاتالمىش «كەنت تازىلىق ھەرىكىتى»، «نامراتلارنى يۆلەش» نامىدا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار زىچ رايونلاردىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەھەللىرىنى يوقىتىش، خىتاي زىچ رايونلارغا ئارىلاشتۇرۇپ يۆتكەش ھەرىكىتىدە ئاكتىپ بولغانلىقتىن تەقدىرلەنگەن.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا خەلقنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن دىنى ۋە مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ كەلگەنىدى. خىتاينىڭ بۇ جىنايىتى خەلقئارا جەمئىيەتتە پاش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا قاتتىق بېسىم قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى مەشىق بازىسى»، «نامراتلار يۆتكەش ئارقىلىق يۆلەش» قاتارلىق ناملاردا پەردازلاپ، نەزەربەند قىلىش ۋە كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

قومۇلنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى باشقا جايغا سۈرگۈن قىلىپ، خىتاي بىلەن بىر كەنتتە ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىر نەچچە رايوننى نۇقتىلىق تىلغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ بۇ خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق رايونلىرىدا داۋاملاشماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «يەرلەر چۆللىشىپ كېتىش، سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش»، «كەنت تازىلىق ھەرىكىتى» دېگەندەك نوپۇس كۆچۈرۈش باھانىلىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاھالىسىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى يوشۇرۇنغانلىقىنى، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زور خىراجەت ئاجراتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1854 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2023 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق