ئامېرىكا ئەمەلدارى: بۇ يىللىق مۇھىم خىزمەت مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەرنى جازالاش

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تېخىمۇ كۆپ شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە قوشۇش بۇ يىلقى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستراتېگىيە، سىياسەت ۋە پىلان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس 17-مارت ئۆزىنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

روبېرت سىلۋېرس بۇ يىل قىلىدىغان خىزمەتلىرىنىڭ يەنە، ئوخشاش پىكىردىكى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى، شۇنداقلا ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ھەققىدە ئىزدىنىشكە قايىل قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى»غا ئاساسەن، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى يۆتكەپ سېتىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان شىركەتلەرنىڭ جازا تىزىملىكىنى چوقۇم بېكىتىشى كېرەك ئىكەن.

ۋاشىنگتوندىكى ھۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلغان روبېرت سىلۋېرس ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە باشقا جەمئىيەتلەرنىڭ ئىشەنچلىك دوكلاتىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ بۇ يىرگىنچلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى تىزىملاپ چىقىشنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋاللارنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى جازا ئىجرا قىلىش قەدەم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1031 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2023 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق