ئامېرىكا قوماندانى: ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئەركىنلىكنى قوغدايدۇ

ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جون ئاكۋىلىنو ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەشنى خالىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا رايوندا توقۇنۇش يۈز بېرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ رايوننىڭ ھوقۇقدار ھاكىمىيەتنىڭ مەجبۇرلىشى ۋە بوزەك قىلىشىغا قارشى ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جون ئاكۋىلىنو  16-مارت سىنگاپوردا قىلغان سۆزىدە يەر شارىلىشىش دەۋرىنىڭ يېڭى چوڭ كۈچلەر رىقابىتى دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى، بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ ئىقتىساد، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە: «مېنىڭ ئەندىشەم شۇكى، قائىدە-نىزاملارنى ئاساس قىلغان بۇ خىل خەلقئارالىق تەرتىپ... مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىۋاسىتە ھۇجۇمىغا ئۇچرىماقتا» دېگەن.

جون ئاكۋىلىنونىڭ ئېيتىشىچە، بىر يىل ئىلگىرى خىتاي بىلەن سولومون تاقىم ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ئىتتىپاقى پۈتكۈل جەنۇبىي تىنچ ئوكياننى ۋەھىمىگە سېلىپ، ئۇنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي توپلىنىش پەيدا قىلىشى ھەققىدە ئەندىشە قوزغىغان.

جون ئاكۋىلىنو سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئامېرىكا پاراخوتى ۋە ئايروپىلانىغا بولغان نارازىلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «گەرچە ئامېرىكا خىتاي بىلەن توقۇنۇشنى خالىمىسىمۇ ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمىسىمۇ، ئامېرىكا ئارمىيەسى بۇ رايوندا داۋاملىق ئۇچۇش، پاراخوتلارنى ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ يول باشلاش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغدايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلىپ ئۆتكەن.

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان تەيۋەننى ئۆزىنىڭ زېمىنى دەپ دەۋا قىلىپ كەلمەكتە ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن كونترول قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 967 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2023 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق