خىتاي رۇسىيەنى قورال ۋە ھەربىي جابدۇق بىلەن تەمىنلىگەن

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى رۇسىيەنى ئاپتومات ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، ئوق ئۆتمەس كىيىم قاتارلىق ھەربىي جابدۇقلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى «سىياسەت» گېزىتى 16-مارتتىكى خەۋىرىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىمپورت-ئېكسپورتقا ئائىت تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلايدىغان شىركەت «Import Genius» تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇلتۇر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە تۈركىيە ئارقىلىق، رۇسىيەدىكى خېرىدارلىرىنى 1000 دانە ئاپتومات ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى زاپچاسلىرى، ئوق ئۆتمەس كىيىم قاتارلىق باشقا ھەربىي جابدۇقلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇيۇملار بۇلتۇر 6-ئايدىن 12-ئايغىچە رۇسىيەگە يەتكۈزۈلگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، رۇسىيە بۇلتۇر 2-ئايدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن دەرھال ئەيىبلىنىپ جازالانغان. خىتاي بولسا رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدا بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما موسكۋانى ئەيىبلەشنى رەت قىلغان ھەمدە رۇسىيەگە قارىتىلغان جازاغا قاتناشمىغان. خىتاي باشقا بىر قانچە دۆلەت بىلەن بىرلىكتە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، رۇسىيە جازا ۋە بايقۇت قىلىنغاندىن كېيىن، ئېتىبار باھالىق رۇسىيە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى رۇسىيەنى ئەجەللىك قورال بىلەن تەمىنلىمەسلىك ھەققىدە كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئەگەر خىتاينىڭ شۇنداق قىلغانلىقى بايقالغان تەقدىردە، ئېغىر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي رۇسىيەنى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەش قىلمىشىنى كۆپ قېتىم رەت قىلىپ، ئامېرىكىنى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسىدە «قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1241 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2023 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق