يېڭى ھۆججەتلىك فىلىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەرەب دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى

ئەرەب دۇنياسىدىكى تونۇلغان قاناللاردىن بىرى بولغان «ئەخبەرۇل ئەن» قانىلى 18-مارت «خىتاي چوڭ تۈرمىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تارقاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئەرەب دۇنياسىدا يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

فىلىمدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئالاقە مۇناسىۋەت مەسئۇلى، ئەرەب-خىتاي مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇرنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قاتتىق قامال قىلىشى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەت تىراگېدىيەسى يىپ ئۇچى قىلىپ باشلانغان.

34 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمدا نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ھەمدە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كۆرۈرمەنلەردە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان.

فىلىمگە قىستۇرۇلغان ژۇرنالىست نىھاد جەرىرىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بايانلىرى ھەرقانداق كۆرۈرمەننى تەسىرلەندۈرىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى مەخپىي زىيارەت قىلغان نىھاد جەرىرىي سۆزلىرىدە: «ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا باردىم، لېكىن ئۇ يەرلەردە مەسچىتنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى سوراش ياكى مەسچىت ھەققىدە سۆز قىلىش قورقۇنچلۇق بىر ئىش ھېسابلىنىدىكەن. شەرقىي تۈركىستاندا مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ھېچكىمنىڭ كاللىسىغا كەلمەيدۇ. مەسچىت ياكى ناماز ئوقۇيدىغان يەرلەرنى سورىغانلار نېمە ئۈچۈن ناماز ئوقۇيسىز؟ دېگەن سوئاللارغا دۇچ كېلىدىكەن» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن.

ھۆججەتلىك فىلىمدا يەنە لاگېر شاھىتلىرىدىن زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە گۈلباھار جېلىلوۋا خانىملار، شۇنداقلا ئۆمەر بېكالى ئەپەندىنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدىكى گۇۋاھلىقلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى كۈنتەرتىپتىن قېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قايتا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرىدۇ، دەپ قارالماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4341 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2023 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق