خىتاينىڭ كۇچار جامەسىنى ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى كۇچاردىكى ئەڭ چوڭ جامەلەردىن بىرى بولغان «كۇچار چوڭ جامەسى»نى ساياھەت ۋە ئاتالمىش مەدەنىيەت ئورنىغا ئۆزگەرتىۋەتكەن.

ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن پارچىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم سىمۋوللىرىدىن ھېسابلىنىدىغان ھويلا-ئارام، مەسچىت-جامەلەرنى چېقىپ ۋەيران قىلماقتا.

مەزكۇر سىندا كۆرسىتىلگىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچار شەھىرىگە جايلاشقان چوڭ جامە بولۇپ، خىتاي يىللاردىن بۇيان تاقاپ قويغان مەزكۇر جامەنى ئاتالمىش مەدەنىيەت ئۆيى قىلىپ ئۆزگەرتكەن. سىندا خىتاي مۇسۇلمانلارغا، مەسچىت-جامەگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان ھالدا، جامەنىڭ ئىچىدە بىر ئايالنى ئۇسسۇل ئوينىتىپ تۇرۇپ، جامەنى خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلاپ تونۇشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىت چېقىۋېتىلدى ياكى ساياھەت ئورنى، مەيخانا قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىسلام دىنىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاندى. شۇنداقلا خىتاي بۇ يىل ئېلان قىلغان ئاتالمىش «يىرىك پىلان» ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2076 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2023 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق