خىتاي ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشقا داۋاملىق ئۇرۇنماقتا

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئۆز مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش ئۇرۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلار خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىنى داۋاملىق پاش قىلماقتا.

يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر سىندا خىتاي ئوقۇتقۇچى يەتتە ياش ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىدىن: «سېنىڭ غايەڭ نېمە؟» دەپ سورىغان بولۇپ، نارەسىدە بالا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئۆگەتكىنى بويىچە: «مەن چوڭ بولغاندا ئازادلىق ئارمىيە ئەسكىرى بولۇپ، دۆلەتنىڭ چېگرا رايونىنى قوغدايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئوقۇتقۇچى يەنە: «ئازادلىق ئارمىيەنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دەپ سورىغان. بالا جاۋابەن: «ئازادلىق ئارمىيە ئەسكىرى ۋەتەننى سۆيىدۇ، ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولۇشتىن قورقمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئوقۇتقۇچى يەنە: «سەن چېگرا قوغدىغۇچى ئەسكەر بولۇپ چېگراغا دۈشمەن ھۇجۇم قىلغاندا قورقماي ئېتىلىپ بارالامسەن؟» دەپ سورىغان. بالا: «قورقماي ئېتىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئاخىرىدا خىتاي ئوقۇتقۇچى يەنە: «قۇربان بولۇشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دەپ سورىغان بولۇپ، بالا يەنە: «ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

مەزكۇر سىن خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتا-ئانا ۋە تۇغقانلىرىدىن ئايرىپ تاشلىغان ۋە ئاتالمىش «ياتاقلىق مەكتەپ» دەپ ئاتىۋالغان بالىلار لاگېرىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مېڭىسىنىڭ قايسى دەرىجىدە يۇيۇلغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەندىن سىرت، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەرخىل يالغان-ياۋىداقلىرى بىلەن ئالداش بىلەن بىرگە، جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قاماش، پەرزەنتلەرنى ئائىلىدىن ئايرىش جىنايىتىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يوقىتىش جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى بالىلار لاگېرلىرىدا خىتاي قىلىپ تەربىيەلەشكە كۈچەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1843 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2023 16:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق