قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز قازاقىستان باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز 17-مارت ئۈرۈمچىدە قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۇرېشېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ ئۆتكەن يىلى شى جىنپىڭ قازاقىستاننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تۈزگەن خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ما شىڭرۈي ئۇچرىشىشتا قازاقىستاننىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشىدىكى مۇھىم ئوبيېكتىت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلامدىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، قورغاس، ئالاتاۋ قاتارلىق پورتلارنىڭ ۋە چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، دوستانە شەھەرلەر مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت، ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

ئۇچرىشىشتا سۆز قىلغان نۇرېشېف قازاقىستاننىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارزۇسىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، چېگرا سودىسى ۋە سېلىنما ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىقى مەركىزى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن باشقا، كىشىلەرنىڭ بېرىش-كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت، ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا چېگرانى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرى ئەمەلدىن قالدۇرغان ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. تۇنجى باسقۇچتا سىناق تەرىقىسىدە قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرنى كوللېكتىپ ساياھەت قىلىشنى يولغا قويغان. نۆۋەتتە قازاقىستاندا خىتاينىڭ تەسىرى بارغانچە كۈچەيگەن بولۇپ، قازاقىستان تۇپرىقىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلغان قازاق ۋە ئۇيغۇرلار نازارەتكە ئېلىنىدىغان ئىشلار كۆپەيگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1947 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2023 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق