خىتاينىڭ قەشقەردىكى خام بازارنى چېقىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى ئەڭ ئاۋات كوچىلارنىڭ بىرىگە جايلاشقان مەشھۇر «خام بازىرى»نى چېقىپ تۈزلىۋەتكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەدرىجىي يوقىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ كەلگەن بىنا ۋە قۇرۇلۇشلارنى ئاتالمىش «يېڭى مەھەللە قۇرۇش» نامىدا چېقىپ ۋەيران قىلىپ، خىتاي ئۇسلۇبىدا قايتا قۇرۇشقا ۋە ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈپ، خىتاي ئارىلاش مەھەللە قۇرۇشقا كۈچەپ كەلمەكتە.

ھېيتگاھ جامەسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان قەشقەر خام بازىرىدا ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكاندارلىرى جەملەنگەن ۋە بىرمۇ خىتاي دۇكىنى بولمىغان بازار بولۇپ، بازاردا قولدا توقۇلغان تارىخىي بۇيۇملار، قىممەتلىك رەخت ۋە ئەنئەنىۋى پاختا مەھسۇلاتلىرى سېتىلغاندىن باشقا، ئائىلە بۇيۇملىرى، ئاشخانا سايمانلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق بارلىق تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدايدىغان بۇيۇملار سېتىلىدىكەن. بۇ بازار ئۇيغۇر بازار مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تارىخىي بازارلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ياشاش مۇھىتىنى بىر-بىرلەپ يوقىتىۋاتقان خىتاي رېجىمى قارا قولىنى ئاخىرى بۇ بازارغىمۇ سوزغان.

ئۆتكەن يىلى خىتاي خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي رېجىمى ئۇيغۇر سودىگەرلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈن، 2022-يىلى قەشقەر يېڭى بازارنى مەجبۇرىي چېقىۋەتكەن. ئۇندىن باشقا قەشقەر ۋىلايىتى 2021-يىلى ئاتالمىش «شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نامىدا 201 ئولتۇراق رايون، 616 بىنا، 1 مىليون 150 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى 14 مىڭ 549 ئائىلىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلىرىنى چىقىپ ئۆزگەرتكەن. پىلاننىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۇتقۇن قىلىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كۆچۈرۈپ، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئىجرا قىلغاندىن باشقا، ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بازار، ھويلا-ئاراملارنى چېقىپ، خىتاي ئۇسلۇبىدا سېلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىش جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1976 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2023 17:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق