خىتاي ب د ت دا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ سۆز قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇندى

خىتاي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە پائالىيەتچى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئومۇمىي مۇزاكىرە يىغىنىدا سۆز قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، نىيىتى ئەمەلگە ئاشمىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دولقۇن ئەيسا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇرماقچى بولغان. دەل شۇ پەيتتە خىتاي ۋەكىللىرى ئۇنىڭ سۆز قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دولقۇن ئەيسا سۆز باشلىغان ھامان يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ۋەكىلى نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ يەردە سۆزلەش سالاھىيىتى يوق، ئۇ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچى ياكى ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى ئەمەس. ئۇ بىر زوراۋان بۆلگۈنچى» دەپ چالۋاقىغان.

خىتاي ۋەكىلى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆز قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، سۆز قىلغان ئامېرىكا ۋەكىلى سام بىرنباۋ (Sam Birnbaum) دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىدا سۆز قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى، چېخنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى ۋاسلاۋ بالېكمۇ Václav Bálekخىتاي ۋەكىلىگە قارشى سۆز قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ مۇنازىرە يىغىنىدا ئەركىن ھالدا سۆز قىلىش ھوقۇقى بار، دەپ ھۆكۈم قىلغان.

يىغىندا زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى سۆز قىلىشى نەتىجىسىدە، خىتاي مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1251 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2023 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق