تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيادىكى پائالىيىتىنى باشلىدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى،

جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش پىلانى بويىچە، 23-مارتتىن باشلاپ مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللامدىن تەشكىللەندى. ھەيئەت 21-مارت ئىستانبۇلدىن يولغا چىققان بولۇپ، 23-مارتتىن تارتىپ مەسچىتلەردە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىدى.

ھەيئەتنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا كېڭەيتىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىسلام دۇنياسىدىكى ھاكىمىيەت قاتلىمىغىلا ئەمەس، بەلكى ھەر ساھەدىكى مۇسۇلمانلارغا تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەسچىتلەرنىڭ ئىمام-خاتىپلىرى ۋە جامائەتلەرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1601 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2023 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق