تىك توك ئەمەلدارى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئوسال ئەھۋالغا چۈشتى

ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيادا بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك كۈنتەرتىپتىن چۈشمىگەن ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئارقا-ئارقىدىن چەكلىنىۋاتقان، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا پۈتۈنلەي چەكلىنىش ياكى سېتىشقا مەجبۇرلاش ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىست رېجىمى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشى مەقسەت قىلىنىۋاتقان تىك توك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى 23-مارت ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئېنېرگىيە ۋە سودا كومىتېتى ئەزالىرى تەرىپىدىن 5 سائەتتىن ئارتۇق «سوراققا تارتىلدى».

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى ھەققىدە ئىنتايىن قىيىن ۋە كۆپ سوئاللارغا دۇچ كەلگەن جۇ شوۋزى ئىنتايىن جىددىيلەشكەن كەيپىياتتا سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشتى.

پالاتا ئەزالىرى شىركەت بىلەن ئۇنىڭ ئانا شىركىتى ByteDance بىلەن خىتاي كوممۇنسىت رېجىمىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ سوئال سورىغان بولسىمۇ، ئۇ شىركەتنىڭ خىتاي رېجىمى بىلەن باغلىنىشىنى كىچىكلىتىشكە ئۇرۇنۇپ، نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى ۋە سوئاللارغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى سەۋەبلىك توختىماي ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئارىزونا كېڭەش پالاتا ئەزاسى لېسكو خانىم جۇ شوۋزىدىن ئېنىق قىلىپ تۆت قېتىم: «خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلامسىز؟» دەپ سورىغان بولۇپ، ئۇ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشقان. لېسكو خانىم ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، جاۋابنى باشقا ياققا بۇرىماسلىقنى، سوئالغا ئېنىق جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئۇ يەنىلا جاۋاب بېرىشتىن قېچىپ: «مەن تىك توك توغرىسىدا سۆزلەشكىلى كەلدىم» دەپ جاۋاب بەرگەن.

نەق مەيداندىن تارقىتىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، خىتاي رېجىمىنىڭ خىتاي كارخانىلىرى ۋە كارخانىچىلىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپلەپ ئىنكاسلار يېزىلدى.

ھەتتا خىتاي بۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى جەريانىدا ئۇيغۇرلار توغرىلىق سوئال سورالغاندا پىروگراممىنى كېسىپ تاشلىغان بولۇپ، بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان خىتاي سودا ۋە ئىقتىساد، ئىستراتېگىيىلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ۋە ۋاكالەتچىسى سىكوت كەننىدى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا: «مەن تۈنۈگۈن بېيجىڭدا تىك توك ئىسپات يىغىنىنى CNN  دا كۆرۈۋاتاتتىم، ئەمما شىنجاڭ توغرىسىدىكى گەپ باشلىنىشى بىلەنلا، بۇ ئېكران پەيدا بولۇپ، دوكلات ئاخىرلاشقۇچە مۇشۇنداق تۇردى» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھىرلىگەن. 

جۇ شوۋزىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا بەرگەن تۇترۇقسىز ئىپادىلىرىدىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى نۆۋەتتە پەقەتلا تىك توكنى چەكلەپلا قالماي، يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چەكلەيدىغان قانۇنلارنىمۇ ئويلاشماقتا.

پارلامېنت ئەزالىرى ئارقا-ئارقىدىن قىلغان سۆزلىرىدە تىك توكنىڭ ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى، ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى قوبۇل قىلىشىغا ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كونترول قىلىش، تېخىمۇ كۆپ نازارەت قىلىش يولىنى تاللىغانلىقىنى ۋە ئۇنى دەرھال چەكلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

پارلامېنت ئەزاسى ئاشلى ھىنسون خانىم بولسا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يەلىنگە قىلغان سۆزىدە، تىك توكنىڭ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى ئىكەنلىكىنى، ئۈچ يىلدىن بۇيان تىك توك بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك توختامى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، ئامېرىكىدا 150 مىليون ئىشلەتكۈچىسى بولغان تىك توكتىن ئىبارەت ۋىرۇس دېتالىنى چەكلەشنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن ئىسراپ قىلغۇدەك ۋاقىت قالمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئېنىق ۋاقىت بېكىتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1011 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2023 15:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق