ئامېرىكىدىكى ئىسپات ئاڭلاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە مەركەزلەشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابىتى مەخسۇس كومىتېتى 23-مارت ئىككىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان. ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى كەچ سائەت يەتتىدە باشلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە مەركەزلەشكەن.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بولۇپ، 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرىغا نەزەربەند قىلىنىپ، 2020-يىلى يازدا قۇتۇلۇپ چىققانىدى. ئۇ يىغىندا لاگېردا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېچىنىشلىق ۋەھشىيلىكلەر، مەھبۇسلارغا ئىجرا قىلىنىدىغان قىيىن-قىستاقلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. يەنە بىر گۇۋاھچى ئىلگىرى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرىدا خىتاي تەرىپىدىن مەجبۇرىي خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن قەلبىنۇر سىدىق خانىم بولۇپ، ئۇ دىنىي ئۆلىمالار، پىروفېسسور، مۇتەخەسسىسلەر ۋە چەت ئەلدىكى ئوقۇشتىن قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىپ، پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنغانلىقىغا شاھىت بولغانلىقى، قىز-ئاياللارنىڭ قاتتىق قىيىن-قىستاق ۋە باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇندىن باشقا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئادۋوكات ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى ۋە گېرمانىيەلىك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا يەنە سىمون-سكجودت مەركىزىنىڭ مۇدىرى نائومى كىكولېر خانىم سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك كونكرېت تەكلىپ بەرگەندىن كېيىن قىلغان خۇلاسە سۆزىنى: «يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىق مۇزېيىنى زىيارەت قىلغاندا، كىشىلەر ھەمىشە ئۆز-ئۆزىدىن: ئەگەر چوڭ قىرغىنچىلىق مەزگىلىدە ھايات بولغان بولسام، مەن نېمە قىلغان بولاتتىم؟ دەپ سورايدۇ. بۈگۈن بىز ئۆزىمىزدىن: ھازىر مەن خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدىم، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ دەپ سوراپ باقايلى. بۇ بىزنىڭ "ھەرگىز قايتىلانمايدۇ" دەيدىغان ۋاقتىمىزدۇر» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.

ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماش، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالىلارنى ئائىلىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ھەققىدە ئۈچ سائەتكە يېقىن ئىسپات ئېلىنغان. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ، ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1005 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2023 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق