خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى يەنە ئالداشقا ئۇرۇندى

خىتاي جەنۋەدە ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-يىغىنىدا ئىلگىرىكى ئادىتى بويىچە ئاتالمىش «تېررورغا زەربە بېرىش» نامىدا خورلاش، قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنى يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئالداش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچتۈرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزا ساقچىخانا خادىمى ئىكەنلىكى تونۇشتۇرۇلغان ۋارىسجان مەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە ۋە سوراق مەيدانلىرىدا داۋام قىلىۋاتقان تەن جازاسى بېرىش، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، كەمستىش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش رەزىل مەقسىتىدە قاتناشتۇرغان.

ۋارىسجان مەمەت خىتاينىڭ تەييارلاپ بەرگىنى بويىچە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ 13 يىلدىن بىرى ساقچىخاندا ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى» ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى، تېرروچىلارنىڭ خەلقنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزگەنلىكىنى، دائىرىلەر ئاتالمىش «تېررورغا قارشى زەربە بېرىش» ھەرىكىتى قوزغاپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، رايوندا مىللىي كەمستىش مەسلىسىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر ۋە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي-مەنىۋى مەدەنىيىتىنى چەكلەپ ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىپ يوقىتىپ ھايات قالغانلارنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى ياسالما سىن، ياسالما گۇۋاھچىلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى بىلىپ يەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئادالەت تۇيغۇسى يوقاپ كەتمىگەن كىشىلەرنى ئالدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1218 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2023 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق