خىتاي ئۆز-ئۆزىنى رەسۋا قىلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بارلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزاننى تەبرىكلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ يىللىق رامىزاندا روزا تۇتۇش ئەمەس، مۇبارەك رامىزاننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خۇشاللىقىنى ئىزھار قىلىشتىنمۇ چەكلەنگەن بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ئىلگىرىكىدەك ھاياتىنى داۋام قىلماقتا.

خىتاي كۆپ يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا رامىزاننىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرى، مەمۇرلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ كەلگەنىدى. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر ئاخبارات ئورۇنلىرى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ئاخبارات ئورۇنلىرى خىتاي ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، خىتاينىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتلىرىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىراق خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسەتلىرى ھەققىدە ھېچقانداق يىپ ئۇچى بەرمىگەن.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان سىندا خىتاي رېجىمى يېزا ئاھالىسىنى كەنت كومىتېتىغا يېغىپ، كىشىلەرنىڭ روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىنى تەكشۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. كەنتكە مەجبۇرىي يىغىلغان كىشىلەر ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا دورا ۋە سۇ ئىچىشكە مەجبۇرلانغان.

گەرچە خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش، روزا تۇتۇش قاتارلىق بارلىق ئىبادەتلىرىنى قاتتىق چەكلىگەن بولسىمۇ بىراق بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىدە ساختا تەشۋىقاتلىرىنى تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايى قىلمىشلىرى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەسلىرىنى چەيلەش قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنى مۇسۇلمانلارغا دوستانە قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

خىتاي رېجىمى بېيجىڭدا مۇسۇلمانلار رامىزاننى قىزغىن كۈتۈۋالدى، دەپ سىن تارقىتىش ئارقىلىق قىلىۋاتقان پۈتۈن جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام جەمئيىتى»نىڭ رەسمىي تور بېتىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ ئىبادەت ئېيى بولغان رامىزان ئېيىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئۇچۇرنىڭ بولماسلىقى خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2194 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2023 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق