فىرانسىيە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تىك توك ئىشلىتىشىنى چەكلىدى

فىرانسىيە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يانفونلىرىدا تىك توك، تىۋىتتېر، ئىنىستگرام قاتارلىق ئەپلەرنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 24-مارت سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يانفونلىرىدا تىك توكنىڭ چەت ئەل نۇسخىسى، دوۋيىن، تىۋېتتېر، ئىنىستگرام قاتارلىق ئەپلەرنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تىك توكنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك بەزى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تىك توكقا ئوخشاش چەكلىمىلەرنى قويغان. ئەمما فىرانسىيەنىڭ قارارى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پرېزىدېنت ئېممانوئېل ماكرون قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كەڭ ئىشلىتىۋاتقان باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

فىرانسىيەنىڭ ئاممىۋى ئىقتىدار ۋە ئۆزگەرتىش مىنىستىرلىقى مىنىستىرى ستانىسلاس گېرىنى  بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك ئەپلەرنىڭ دۆلەت مەمۇرىي مۇلازىمەتلىرىدە ئىشلىتىلىشى يېتەرلىك بىخەتەر ئەمەسلىكى، بۇ مەسىلىدە سانلىق مەلۇماتنى قوغداش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ چەكلەش بۇيرۇقىنى فىرانسىيەنىڭ تور بىخەتەرلىك ئورگىنى نازارەت قىلىدىكەن. باياناتتا قايسى ئەپلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولۇپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تىك توكنى چەكلەشتە قوللانغان تەدبىرلىرى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 755 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2023 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق