خىتاي ئامېرىكا تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ بەش خىزمەتچىسىنى قولغا ئالدى

خىتاي ئامېرىكا تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ بەش خىتاي ياللانما خىزمەتچىسىنى قولغا ئالدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 24-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكا تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ بەش خىزمەتچىسىنى قولغا ئالغان بولۇپ، شىركەتنىڭ بېيجىڭدىكى تىجارىتى ۋاقتىنچە توختىغان. بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى شىركەتكە ھېچقانداق قانۇنىي دەۋا توغرىسىدا رەسمىي ئۇقتۇرۇش تاپشۇرمىغان بولۇپ، نۆۋەتتە شىركەت خىتايدىن خادىملارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

باياناتتا شىركەت ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ دائىرىلەر بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق شىركەت خىزمەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم قىلىش ئىشلىرىنى باشلىغان.

شىركەت مەسئۇللىرى باياناتتا يەنە: «بىزنىڭ خىتايدىكى خىزمىتىمىز ئەزەلدىن ئوچۇق-ئاشكارا، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئۇيغۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ كەلدى. بىز دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ ۋەقە سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان ھەر خىل ئۇقۇشماسلىقلارنى ھەل قىلىمىز» دېگەن.

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى مۇخبىرى جۈمە كۈنى شىركەتنىڭ بېيجىڭدىكى شۆبە دەرۋازىسىنىڭ زەنجىر قۇلۇپ بىلەن تاقىلىپ، ئادەم قالمىغانلىقىنى كۆرگەن. يەرلىك ساقچىلار مۇخبىرنىڭ مەزكۇر ئەھۋالغا مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، مىنسى گۇرۇھى تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى نىيۇيوركتا بولۇپ، ئالدامچىلىق، چىرىكلىك ۋە خىزمەت ئورنىدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار شۇنداقلا دېلولارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ گۇرۇھنىڭ ۋاشىنگتون، لوندون، مېكسىكا شەھىرى، دۇبەي ۋە نايروبى قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جەمئىي 18 شۆبە ئىشخانىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تور بېتىدە دېيىلىشىچە، شىركەت خىزمەتچىلىرى پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدىن تارتىپ دېڭىز قىرغىقىغىچە بولغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرەلەيدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1077 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2023 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق