تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا كېلىنتان ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش پىلانى بويىچە، 23-مارتتىن باشلاپ مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى باشلىغانىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللامدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 25-مارت مالايشىيانىڭ كولا تىرانجانو ئىشتاتىدىكى زىيارەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 26-مارت ئەتىگەندىن باشلاپ كېلىنتان ئىشتاتىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى.

زىيارەت داۋامىدا ئالدى بىلەن مالايشىيا كېلىنتان ئىشتاتى پارلامېنت رەئىسى ئابدۇللاھ ياقۇب ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئابدۇللاھ ياقۇب ئەپەندى ئۇلارنى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

ھەيئەت كۆرۈشۈشتە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى بويىچە ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق قىممەت-قاراشلىرىنى ۋە بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەش، مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى يوقىتىش، مەسچىت چېقىش، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئاخىرىدا بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىقنى قانداق كۈچەيتىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. 

ھەيئەت شۇ كۈنى يەنە كېلىنتان ئىشتاتىنىڭ ھۆكۈمەت باش كاتىپى ئەسرى بىن داۋۇت ئەپەندى، شۇنداقلا كېلىنتان ئىشتاتىدىكى مالايشىيا ئىسلام پارتىيەسى ئالىي كېڭەش ئەزاسى، ئىسلام پەلسەپە ئىنستىتۇتى رەئىسى دوكتور جەۋھەر بىن ماتنى ئەپەندىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى. ئۇندىن باشقا يەنە كېلىنتان ئىشتاتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى زۇلقەرنەين ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

ھەيئەت ئارقىدىن يەنە رىبات ئىسلامى بىلىملەر ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلدى. مەزكۇر زىيارەتتە ئىنستىتۇت ئوقۇغۇچىلىرىغا نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەش، ئۆز يۇرتلىرىدىن مەجبۇرىي باشقا يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىش، مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي دىنسىز قىلىپ تەربىيەلەش قاتارلىق  ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1520 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2023 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق