مالايشىيا ۋەكىلى ب د ت دىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇستەقىل دائىمىي كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، مالايشىيا يەرشارى تىنچلىق بۇرچى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور ئەھمەد ئەزەم ئابدۇراھمان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە شۇنداقلا ھىندىستان، بېرمىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ھەقتە تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

مالايشىيا خەلق پوچتا گېزىتىنىڭ (TRP) 26-مارتتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پىروفېسسور ئەھمەد ئەزەم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 52-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە بۈگۈنكى دۇنيادا كەمسىتىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، دۇنيا مىقياسىدا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ب د ت نىڭ بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەدبىرىنىڭ بولماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلار ۋە روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنى ئالاھىدە مىسال كەلتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ئەھۋالغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرغان. 

پىروفېسسور ئەھمەد ئەزەم يىغىندا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش قىلمىشىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىسلام دۈشمەنلىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارا ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەڭ ئېغىر رىقابەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 15-مارتنى «خەلقئارا ئىسلام دۈشمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش كۈنى» دەپ بېكىتىشىنىڭ توغرا يۆنىلىشتىكى ئىجابىي قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ پىروفېسسور ئەھمەد ئەزەمنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشى ئەمەس بولۇپ، 2019-يىلى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زىيارەت تەكلىپىنى رەت قىلىشقا، خىتاينىڭ زىيارەتنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىككە چاقىرغانىدى.

ئۇ يەنە 2021-يىلى ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلغانىدى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغانىدى ۋە شۇنداقلا شۇ يىلى نويابىر ئېيىدا دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالاھىدە ئەلچىسى دوكتور دودىك ئارىيانتو بىلەن كۆرۈشۈپ، تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتىنى يەتكۈزگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1321 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2023 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق