تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئەمرى بىلەن كۆرۈشتى

 

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى مالايشىيا خەلقىگە تونۇشتۇرۇش، كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن زىيارەتتە بولۇۋاتقان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايشىيا ئىسلام پارتىيەسىنى زىيارەت قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇلۋارىس ئابدۇلخالىق، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز مەھمۇدجان داموللامدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتىنىڭ مالايشىيانىڭ كېلىنتان ئىشتاتىدىكى زىيارىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھەيئەت 27-مارت مالايشىيا ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئەمرى شەيخ ئابدۇلھادىنى زىيارەت قىلدى. شەيخ ئابدۇلھادى ھەيئەتنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.

ھەيئەت شەيخ ئابدۇلھادىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى بويىچە ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاش، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق قىممەت-قاراشلىرىنى ۋە ئىبادەتلىرىنى چەكلەش، مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى يوقىتىش، مەسچىت چېقىش، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش، ئائىلىدە قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتاب ساقلىغانلارنى جازالاش، ئۆلىمالارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ يوقىتىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

ھەيئەت 27-مارت يەنە كېلىنتان ئىشتاتىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشنى چەكلەش، رامىزان مەزگىلىدە مۇسۇلمانلارنى يىغىپ سۇ ئىچىش ۋە تاماق يېيىشكە مەجبۇرلاش، مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق ئىبادەتلىرىنى چەكلەش، ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش، پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي دىنسىز قىلىپ تەربىيەلەش قاتارلىق ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

 

بۇ خەۋەر 1192 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2023 13:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق