ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتايغا قارشى ئىككى قانۇن لايىھەسى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىشنى توسۇش ھەققىدە ئىككى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 27-مارت ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش قانۇن لايىھەسى نۆلگە قارشى 415 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم  ۋە كوننېكتىكات ئىشتاتىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى گېرى كونولى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خەلقئارا تەشكىلاتلارنى خىتاينى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەمەس، بەلكى يۇقىرى كىرىملىك ياكى تەرەققىي قىلغان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈشكە قايىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارادا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدا ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئېرىشىۋېلىشى توسۇلىدىكەن.

ئاۋام پالاتاسى ئوخشاش كۈندە يەنە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان «مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىشنى توسۇش قانۇنى»نى ماقۇللىغان. خىتاينى نىشان قىلغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىمۇ ئىككىگە قارشى 314 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن تەستىقلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئەتكەسچىلىك قىلىش مەقسىتىدە ئادەم ئورگىنى يىغىشقا زەربە بېرىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئورگان ئىئانە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىك يىغىن ۋە خەلقئارا ساغلاملىق مۇنبىرى ئارقىلىق، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا تىرىشىدىكەن. شۇنداقلا «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»گە ئاساسەن بىخەتەر تۇرمۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي رېجىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي ئورگان ئېلىۋېلىش ۋە ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىكەن.

ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ  رەئىسى كىرىس سىمىسبۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتاي رېجىمىنىڭ ياشلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوغرىلاشتەك رەھىمسىز قىلمىشىغا زەربە بېرىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر يىلى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي رېجىمى 60 مىڭدىن 100 مىڭغىچە بولغان ياشلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش بولۇپ، خىتاي رېجىمى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن زىيانكەشلىك قىلىدىكەن. خىتاي رېجىمى ئىچكى ئەزالارنى يىغىۋېلىشنى نىشان قىلغان كىشىلەر توپى بولسا فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە خىتاي تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1017 قېتىم كۆرۈلدى
28/03/2023 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق